تور بېكىتىمىزگە خۇش كەلدىڭىز

بۈگۈن

✿✿✿✿✿✿✿✿✿✿✿✿

ئۇلىنىش تورى

بەيدۇ تورى

باشلان تورى

ئۇيغۇرچە—خەنزۇچە لۇغەت

ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تەرجىمان

ئالپ تورى

✿✿✿✿✿✿✿✿✿✿✿✿

ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا


،كىشىدە ئىككى ئات بۇ تىلدا يۈيۇر
.بىر ياخشى بىر ئەسكى جاھاندا قالۇر

،يامانغا يېقىنلاشما قىلغاي زىيان
.يامانلىق چاقار ئۇ بولۇپ بىر يىلان

،كىشىگە ھەم ئۆزگە قىلما سەن زىيان
.ھەۋەسنى قويۇپ قىل ياخشىلىق ھامان

،بالا زورلۇق ۋاقتىدا قىل ياخشىلىق
،تىلىڭ ھەم قولۇڭدىن يۇيۇنسۇن خەلىق

،يوغانچى تەكەببۇر تېتىقسىز بولۇر
.ئۇنى كىبرىسى كۈنمۇكۈن پەس قىلۇر

،ئۇيات كىمدە بولسا سىلىق خۇيلۇق ئول
.ناچار ئىشقا ھەرگىز ئۇ سۇنمايدۇ قول

،ئۇيات-بارچە يامان ئىشتىن توسقۇچى
.پۈتۈن ياخشى ئىشقا ئۇلاشتۇرغۇچى

،ئېغىر يۈك كىشىگە ئۆزۈمچىل قىلىق
.ئۆزۈمچىل قىلىققا ئوق ئات قارشى چىق

,ھاۋاغا بېرىلمە ئەقىل بىرلە كەس
.تېنىڭ باش كۆتۈرسە،بىلىم بىرلە باس

،قوشۇلما پىتنىخورغا بارما يېقىن
.ئۇنىڭكىم،تىلىدىن چىقار ئوت چېقىن

،ھەسەت بىر كېسەلدۇر داۋاسى ئۇزاق
.ئۆزىنى ئۆزى يەپ سېزەر ئۇ ئاداق

،تۈپىڭ-يىلتىزىڭنى پاساتلىق قىرار
.بۇ ياخشى ئىزىڭنى پاساتلىق بۇزار

يۈسۈپ خاس ھاجىپ

Home  باشقىلار ئادانالىق ناخشىللىرى ئەپ رەسىم ناخشا 

Home Prev Next Last



Subscribe | Register | Login | N