يۇمۇرلار

2015-08-26 10:54:25 -0400

،داۋۇت ئاغىنىسىگە مۇنداق دەپتۇ مېنىڭ كۆزۈمگە سەت كۆرۈنىدىغان بىر ئادەم باتى.خەپ مەن ئۇ گۇينى ئۆزۈمگە تازىم قىلدۇرمىسام دەپ ئويلايتىم. بىركۈنى بۇ ئادەم ئون نەچچە مېتىرچە ئالدىمدا كېتىۋاتاتتى.تۇيۇقسىز بۇ شاققىدە كەينىگە بۇرۇلدىدە نەخ ئالدىمغا كېلىپ موڭغۇلچە تازىم قىلىپ كېتىپ بارىدۇ.ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم دە ناھايىتى خۇش بوپ كەتتىم،ئەسلىدە بۇ گۇينىڭ پورتمالى مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟

ئۆتكەن ھەپتە قەشقەرگە بارغانتىم دەڭلا قەشقەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسيا سودا بازىرى دەپ بىر ئالامەت چوڭ بازار باركەن ئايلنىپ كېتۋىتىپ يول بويىدا قوغۇن سېتىپ ئولتۇرغان بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايالنى كۆرۈپ قالدىم،ئۇزەمچە مۇشۇ شەھەرگمۇ كەپتىمە،بىرەر تال قوغۇن ئېلۋالاي ياتاقتا پىچىپ يەمە دەپ ئوۋتۇ ماركلىق ماشنامنى توختاتتىم _دە قوغۇندىن بىرنى تاللاپ ھەدە بۇ قوغۇنىڭىز لاۋزا ئەمەستۇ _ھە ! دەپ ساپتىمە ئۇ ئايال زەردە بىلەن قوغۇننى جىڭلاپ بولۇپ .قوغۇننى كۆتۈرگەن پېتى ماشىنامغا چىقىپ ئولتۇرىدۇ ھەدە نەگە بارىمىز دېسەم دوختۇرخانغا ھەيدەڭ دەيدۇ نېمىشقا دېسەم،دوختۇرخانغا بېرىپ بۇ قوغۇننى سىتىغا سېلىپ بىرەي دەيدا

بىر كۇنى بايلىق ئەكبەر باي ناھيە بازىرى ئىچىدە كېتۋاتسا 6~7 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزچاق يىغلىغان پېتى ئەكبەر دوستۇمنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەپتۇ _دە ئاكا ئاكا مەن ئانامنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم تېپشىپ بەرسڭىز دەپ يالۋۇرۇپتۇ.ئەكبەر سىڭلىم مەن يا سزنى تونىمسام ئالداپ ن سېتىۋىتىشىمدىن قورقمامسز؟ دەپتكەن.قىزچاق ياق قورقمايمە ئانام ماڭا چىرايى سەتلەرنىڭ كۆڭلى ياخشى بولىدۇ دېگەن .دەپتۇ

خېلى ئۇزۇن يىللار بۇرۇن ئىدى،ئالىي مەكتەپ ۋاقىتلىرى بىر قىز بىلەن يۈرۈپ قالغان،قىز دوستۇمنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى قارا ئىدى،ئىشقىلىپ قارىلىقى خىلى ئېغىر ئىدى. ئەمدى شۇ،بىزمۇ باشقا ياشلاردەك،كەچلىرى مەكتەپ مەيدانىدا ،ئانچە قول تۇتىشىپ مېڭىپ،دەرەخلەرگە يۆلىنىپ ئېغىز گارمۇنى تارتىشىپ دىگەندەك…… مەكتەپ بۇنىڭغا بەك قارشى ئىدى ،بىزمۇ مەكتەپنىڭ تەكشۈرىشىدىن بەك ئېھتىيات قىلاتتۇق،…… بىراق بىر كۈنى مەكتەپ مۇدىرى مىنى چاقىرتتى: -كېلە،راستتىنڭنى دە~ مەن: -نى……نى……نىمىنى؟ مۇدىر: -كۈندە كەچتە مەكتەپ مەيدانىدىكى دەرەخنىڭ يىنىدا نىم قىلدىڭ؟ ئىم……بۇنى بىلىپ قاپتۇ دە،ئادەتتە بۇ مەكتەپتىن قوغلىنىش جازاسىغا ئۇچرايتتى…… مەن: -مەن ……مۇدىر……مەن ئەمدى ئۇنداق قىلماي……مەن …… مۇدىر ماڭا مېھىرلىك بېقىپ تۇرۇپ: -بالام،قىيىنچىلىقىڭ بولسا بىزگە دە،نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىڭ،نۇرغۇن مۇئەللىملەر سىنى كۈندە مەيدانغا چىقىپ ،دەرەخ قوۋزىقىنى چىشلەپ،دەرەخ غاجلىلاپ يۈرىدۇ دەيدۇ……قورسىقىڭ تويمىغان بولسا بىز ياردەم قىلايلى،دەرەخ ،كۆچەت غاجىلىمىا…… مەن: -بۇ…… تېرىسى قارا قىز دوست بولغاننىڭ پايدىسى مانا مۇشۇدە……ھۇھاھاھا…… .شۇ كۈندىن ھەر ئايدا ئۈچ يۈز سوم تاماق پۇلىغا ئېرىشتىم

   يۇمۇر :ئاشىخانىدا    «ئاۋۇ ئاشخانىدا ئادەم كۆپكەن ماۋۇنۇڭغا كىرەيلى» دىگىنىچە بىر جۈپ قىز يىگىت كىرىپ ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى، راس گەپنى قىلسام ئا قىز بەك چىرايلىقكەن ، قارىمايمەن دەپمۇ بىر نەچچە رەت قاراپ سالدىم ، بۇنى يىگىتى بايقاپ قالدى بولغاي ، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئۈستەل ئۈستىگە «پاق» قىلىپ ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى تاشلىدى ، قارىسام «سانتانا» ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىكەن . مەنمۇ بوش كەلمەي «پاق ، پاق پاق ، جاق-جۇق » قىلىپ بىنىز ، باۋما ، ئاۋدى ، پورىسچى ماركىلىق ماشىنىلارنىڭ ئاچقۇچىنى ئۈستەل ئۈستىگە تاشلىدىم . شۇنىڭ بىلەن يىگىت بۇيرۇتۇپ قويغان تامىقىنىمۇ يىمەيلا قىز دوستىنى يىتىلەپ جىمجىتقىنە كىتىپ قالدى . …،………… ھې …قارا تىخى … مەندەك ماشىنا ئاشقۇچى ياسايدىغان ئادەم بىلەن بەسلىشىپ كەتكىنىنى

ئاپتۇبۇس تېز سۈرئەتلىك يولدا بوراندەك كېتىپ باراتتى.يولۇچىلار سەل ئەنسىرەپ شوپۇرغا دىدى: -ئۇستام ،ئاستىراق ھەيدەڭ،بولمىسا 12نۇمۇر تارتىلىپ كېتىدۇ. شوپۇر : -ھىڭ!پىراۋام بولسا تارتمامدۇ نۇمۇرنى! يولۇچىلار ھەيران بولۇپ دىدى: -يۈرىككىڭىز قاپتەك بار كەن جۇمۇ سىزنىڭ شوپۇر: -ئەلۋەتتە،بىر بوتۇلكا ئىلى داچۈنىڭ كۈچى بۇ…… يولۇچىلار ھودۇقۇپ: -ھەي،ئەمسە ساقچىنى كۆرگەن ھامان،ئەگىپ باشقا يولدىن مېڭىڭ جۇمۇ! شوپۇر: -ئاھاي~بىر 2000گىرادۇسلۇق كۆزەينەك تاقايدىغان ئادەمگە يىراقنى كۆرۈڭ دىسەڭلا قاملىشامدا؟ يولۇچىلار قورقۇپ تىرىرەپ كېتىپ: -ماشىنىنى توختىتىڭ ،بىز چۈشىۋالايلى! شوپۇر: -جىم ئولتۇرۇشە،بۇ ماشىنىنىڭ تورمۇزى يوق! يولۇچىلار چىرقىرىشىپ: -بۇنداق قىلسىڭىز تۈرمىگە كىرىپ كەتمەمسىز؟!! شوپۇر: -تۈنۈگۈن قېچىپ چىقتىم ئۇ يەردىن ……بىر ئىككى كۈن ياشىۋالاي!

«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N